پۈتۈك ئىقتىدارلىرى

پۈتۈك — ئۇيغۇرچە يېزىش، پىلانلاش ۋە بىللە ئىشلەش ئۈچۈن ياسالغان ھەقسىز خىزمەت بوشلۇقى. خاتىرە، ھۆججەت، ۋەزىپە ۋە ساندان بىر يەردە تۇرىدۇ؛ تور كۆرگۈ، تېلېفون ۋە كومپيۇتېردا ئىشلەيدۇ.

خاتىرە ۋە بەتلەر

بۆلەك ئاساسىدىكى تەھرىرلىگۈچ بىلەن خاتىرە، ھۆججەت ۋە بەتلەرنى ئەركىن قۇرۇڭ. تەھرىرلىگۈچتە / نى كىرگۈزۈپ ماۋزۇ، تەكشۈرۈش تىزىملىكى، جەدۋەل ياكى رەسىم قاتارلىق بۆلەكلەرنى قوشۇڭ. بىر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرنى تارماق بەتلەر ئارقىلىق بىر يەرگە توپلاڭ.

ۋەزىپىلەر

ۋەزىپىلەرنى تاختا كۆرۈنۈشىدە سۆرەپ يۆتكەڭ: باشلانمىغان، ئىشلىنىۋاتقان ۋە تاماملانغان ئىشلار بىر قاراشتىلا كۆرۈنىدۇ.

ساندان

ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساندانغا رەتلەڭ ۋە ئۇنى جەدۋەل، تاختا، كالېندار، رەسىمخانا ياكى ۋاقىت سىزىقى كۆرۈنۈشىدە ئېچىڭ. فورمۇلا، باغلىنىش ۋە سۈزگۈچلەر بار.

يىغىن ۋە كالېندار

يىغىنلارنى خاتىرىلەڭ، ئىشلارنى كالېنداردا ئورۇنلاشتۇرۇڭ ۋە ئۇچۇرلارنى بىر يەردە كۆرۈڭ.

ھەمكارلىق

خىزمەت بوشلۇقىغا ئەزا تەكلىپ قىلىڭ، بەتلەرنى ئۇلانما ئارقىلىق ھەمبەھىرلەڭ. ئۆزىڭىز خالىغان بەتنى تورغا ئېلان قىلالايسىز.

قېلىپلار

تەييار قېلىپلار بىلەن بىر چېكىشتە باشلاڭ: ئاددىي يىغىن خاتىرىسى، تۈر قىسقىچە پىلانى، تۈر ئىلگىرىلەش تاختىسى، نىشان ۋە نەتىجە ئىز قوغلاش، مەھسۇلات يول خەرىتىسى ۋە باشقىلار. قېلىپلارنى قەيەردە ئىشلىتىش ھەققىدە

ئۇيغۇرچە ئۈچۈن ياسالغان

كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە، يېزىش ئوڭدىن سولغا. ئۇيغۇرچە تېكىستنى ئەرەب ھەرپلىك ئۇيغۇر يېزىقى، لاتىن يېزىقى ۋە كىرىل يېزىقى ئارىسىدا ئايلاندۇرالايسىز. ئېلخەت ئادرېسى، ئۇلانما ۋە كودلار ئۆز يۆنىلىشىدە كۆرسىتىلىدۇ.

پۈتۈكنى ھەقسىز ئىشلىتىشنى باشلاڭ